2008年11月25日星期二








2008年11月24日星期一

شىمالىي ياۋروپادىكى جوڭگۇ شەھەرچىسى - [كۈندىلىك خاتىرەم]2008-11-24
بىر ئاي ئىلگىرى بىر دوستىمىزنىڭ ماشىنىسىدا فىنلاندىيەدىكى "شىمالىي ياۋروپا جۇڭگو شەھەرچىسى"نى كۆرۇپ كەلگىلى بارغان. شۇ چاغدا تارتقان بىر قىسىم رەسىملەرنى يوللاپ قويدۇم.
بۇ" جۇڭگو شەھەرچىسى" فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىيدىن تەخمىنەن 150 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى كۇۋولا شەھىرىنىڭ بىر بۈرجىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى خېلى چوڭ. لېكىن جايلاشقان ئورنى بىر قەدەر چەت. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ شىمالىي ياۋروپادىكى تۇنجى "جۇڭگو شەھەرچىسى" ئىكەن.
بۇ يەرنى كۆرۈپ جۇڭگو ماللىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغىنىنى تېخىمۇ بەكرەك ھىس قىلدىم. دۇنيانىڭ بىر بۈرجىگىدىكى دۆلەتنىڭ كىچىك بىر شەھىرىدە بۇنداق بازارنىڭ بولغانلىق ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. نەدە پۇل بولسا شۇ يەردە جۇڭگو مېلى بار دېسەك ھەرگىزمۇ خاتا بولمىغۇدەك. بۇ سودىگەرلەر مۇشۇ بازارنىمۇ قولدىن بەرمەپتۇ. ناۋادا بۇ بازار پايتەخىت خېلسىنكىيدا بولۇپ قالغان بولسا، ماللىرى خېلى بازار تېپىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى بۇ يەردىكى ماللارنىڭ باھاسى ھەقىقەتەن ئەرزان ئىكەن. خېلسىنكىيدا ھەرگىزمۇ ئون ياۋروغا ئىشتان كەلمەيدۇ. بۇ يەردە بۇنداق ئەرزان نەرسىلەر كۆپكەن.
لېكىنزە بۇ ماللارنىڭ سۈپىتىنى نېمە دېسەك بولار؟ سۈپىتى بەكلا "جۇڭگۇچە" ئىكەن.


我们总是追求着幸福,却没有仔细的看过我们周围,其实幸福就在我们身后,只不过是我们没有转过身去接受而已.